农民文体活动开幕式领导发言稿(维吾尔文)
يېڭئۆستەڭ يېزسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك دېھقانلار مەدەنىيەت تەنتەربىيە يىغىنىدا سۆزلەنگەن تەبرىك سۆزى
يېزلىق پارتىكومنىڭ شۈجىسى: نۇرمەمەت تۇرسۇن
(2013-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى)
ھۆرمەتلىك رەھبەرلەر، يولداشلار، دېھقان دوستلار ياخشىمۇ سىلەر!
ھەممە پارتىيە 18-قۇرۇلتاي روھىنى كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتقان پەيىتتە، يېزىمىز كەڭ دېھقانلار ئاممىسىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى يەنىمۇ بېيىتىش ئۈچۈن، باھار بايرىمى يىتىپ كىلىش ھارپىسىدا بىز بۇيەرگە داغدۇغلۇق جەم بولۇپ، يېڭئۆستەڭ يېزسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك دېھقانلار مەدەنىيەت تەنتەربىيە يىغىنىنى ئېچىپ ئولتۇرۇپتىمىز. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن يېزلىق پارتىكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن بۇگۈنكى يىغىنىمىزغا قاتناشقان رەھبەرلەرگە، كەڭ دېھقان دوستلارغا، ھەمدە يېزىمىزنىڭ بۇقېتىمقى پائالىيتىمىزنىڭ غەلبىلىك ئېلىپ بېرلىشىغا يېقىندىن ياردەمدە بولغان ھەرساھە دوستلارغا چىن دىلمدىن رەھمەت ئېيتىمەن ۋە ئالىي ئىھتىرام بىلدۈرىمەن!
يېقىنقى يىللاردىن بېرى يېڭئۆستەڭ يېزلىق پارتىكوم، يېزلىق خەلق ھۆكۈمىتى كونىشەھەر ناھىيلىك پارتىكوم، ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ئاستىدا، يېزىمىزدىكى كەڭ كادىرلار ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يىتەكلەپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى بارلىق خىزمەتلىرىمىزنىڭ تۈپ چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋيىسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقۇرى كۆتۈردۇق. بولۇپمۇ يېقىنقى بىرقانچە يىللاردىن بېرى، يۇقىرنىڭ مەبلەغ جەھەتتىكى ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى، يەر سالالاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، يول قۇرۇلۇشى، زەي قاچۇرۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىق بىرتۈركۈم نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەپ يېزىمىزنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا زور ئۆزگىرىشلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. تۈرلۈك خىزمەتلەر ياخشى ئىشلەنگەنلىكتىن ئۆتكەن يىلقى دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 5928 يۈەنگە يىتىپ ئالدىنقى يىلدىكىدىن 951يۈەن ئاشتى.
بۇيىل يېزلىق پارتىكوم 2013-يىللىق پارتىكوم كېڭەيتىلگەن يىغىندا يەنە ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى، كىچىك بازار قۇرۇلۇشى، يول قۇرۇلۇشى، كەنت بازا قۇرۇلۇشى، كاد
农民文体活动开幕式领导发言稿(维吾尔文)
本文2013-02-04 14:40:18发表“开幕闭幕词”栏目。
本文链接:https://www.wenmi123.com/article/231286.html